باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-ئايدا بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ

2019.01.31 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «قۇرۇلۇش توختام ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2)» يولغا قويۇلىدۇ.

  ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆددىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۆلۈپ ھۆددە ئالغۇچىنى بۇ دېلودىكى ئۈچىنچى كىشى دەپ قوشۇشقا تېگىشلىك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۆلۈپ ھۆددە ئالغۇچىغا بېرىشكە تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلى سوممىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ قۇرۇلۇش قەرز پۇلى دائىرىسىدە، ھۆددە بەرگۈچىنى ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ئالدىدا جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا يەنە مۇنداق بەلگىلەندى: ئەمەلىي قۇرۇلۇش قىلغۇچى ھۆددە بەرگۈچى ئۈستىدىن ۋاكالەتلىك ھوقۇقى دەۋاسى قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شۇ ئارقىلىق دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

  ئىناۋەتسىز قۇرۇلۇش قىلىش توختامى توغرىسىدىكى زىيان تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىشتە، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا زىياننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتا بېكىتكىلى بولمىسا، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدا پۈتۈشكەن سۈپەت ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش مۇددىتى، قۇرۇلۇش پۇلىنى تۆلەش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئاساسەن زىياننىڭ چوڭ -كىچىكلىكىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سەۋەنلىك بىلەن زىيان ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ كېسىم چىقىرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر