باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇللىرى يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.01.31 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇللىرى يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە ۋە تەھلىل قىلىپ، 2019-يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن 22سى يىغىندا سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە مەركەز ئورۇنلىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى؛ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى؛ شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئىستىلدا تېخىمۇ دۇرۇس بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر