باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 17 مىڭ كىشى قانۇن بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى، دېدى

2019.01.31 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 2018-يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن زور قاتناش ۋەقەلىرى ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىستاتىستىكىلىق رەتلەش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقىلغان بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل، يول، قاتناش-تىرانسپورت كارخانىلىرى جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەر مەنبەلىرىنى ئاشكارىلىدى. 1-ئاينىڭ 30- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلگەن قاتناش بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرى، خەۋپ _ خەتىرى يۇقىرى يولۇچىلار تىرانسپورت كارخانىلىرى، قانۇنغا گەۋدىلىك خىلاپلىق قىلغان يولۇچىلار ئاپتۇبۇسلىرىنى ئاشكارىلىدى.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، 22 مىليون 850 مىڭ ئاپتوموبىل، 22 مىليون 550 مىڭ شوپۇر، 86 مىڭ كىلومېتىر يول قاتناش مۇساپىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2017-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.9 تۆۋەنلىدى، بىر قېتىمدا ئۈچ ئادەم، بەش ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئاپتوموبىل ۋەقەسى ئايرىم-ئايرىم % 22.9 ۋە %14.9 تۆۋەنلىدى، بىر قېتىمدا 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن زور ھادىسە دېلوسى 5 قېتىم يۈز بېرىپ، 2017-يىلىدىكىدىن % 44.4 ئازىيىپ، يېڭى تۆۋەن چەككە چۈشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018 -يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 17 مىڭ 264 ئادەم قانۇن بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئۆمۈرۋايەت چەكلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھاراق ئىچىپ ياكى مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەردىن 5149ى بار ئىكەن؛ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ھەمدە قېچىپ كېتىش قىلمىشى بارلاردىن 12 مىڭ 115ى بار ئىكەن.

  تەپسىلىي مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر