باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش خىزمىتى تولۇق ئىنكاس قىلىنىپ بولدى

2019.01.31 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31– يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەركەزنىڭ 19-نۆۋەتلىك 2–قېتىملىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىنىڭ قايتما ئىنكاس ئەھۋالى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە مەركەزلىك ئېلان قىلىندى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2018-يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەركەز 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە 13 مەركىزىي ئورۇندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تۈرلۈك كۆزىتىشنىڭ يەنە نازارەتچىلىك خىزمىتى ئورۇن بېكىتىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر