باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى دو جيې قولغا ئېلىندى

2019.02.02 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى دو جيې (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش ئورگىنىغا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇش تەۋەلىكى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، خەيدۇڭ شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئەيىبلىنىدۇ. يېقىندا، خەيدۇڭ شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دو جيېنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارىنى چىقاردى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر