باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى چوڭ كومېدىيە كوللېكتىپلىرى 2019-يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە توپلىنىدۇ

2019.02.01 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كۈلدۈرگە تۈرىدىكى نومۇرلىرىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدىكەن، يەنى، تېما جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلار چىڭ تۇتۇلۇپ، دەۋرگە يېقىشلىق قىلىنىدىكەن؛ ئارتىسلار جەھەتتە، تاماشىبىنلار ياقتۇرىدىغان، ئەمما مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىگە ناھايىتى ئاز چىققان كومېدىيە ئارتىسلىرى بار بولۇپلا قالماي، مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى چوڭ كومېدىيە كوللېكتىپلىرىمۇ جەم بولىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بېيجىڭدىكى مەيدانىغا كاڭ خۇي، جۇ شۈن، رېن لۇ يۈ، لى سىسى، نىغمەت رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن، جياڭشى جىڭگاڭشەن، جىلىن چاڭچۈن، گۇاڭدۇڭ شېنجېن ئۈچ تارماق مەيدانىغا مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ بىر رىياسەتچىسى ۋە شۇ جايدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ھەمكارلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

  بۇ يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل تۈرىدىكى نومۇرلاردىمۇ كۈرەش ئارقىلىق بەختكە ئىنتىلىدىغان، كۈرەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ياش بىر ئەۋلاد «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر»نىڭ ياشلىق جاسارىتى ۋە نۇرلۇق ئاكتىپ كۈچى نامايان قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە 4K ، G5، VR، AR، AI قاتارلىق تەرەپلەردە تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىلىدىكەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: «بۇ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىر قېتىملىق كۈچلۈك تۇتاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر