باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تەدبىر چىقىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىدى

2019.01.31 19:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى).

  «پىكىر»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشقا ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش؛ ئىستېمال يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ بازار يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئېھتىيات بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىستېمالنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام، ئەقلىي ئىستېمال مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ئىستېمال ئىنچىكە ئايرىلغان بازار بەرپا قىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئەمەلىي بۇيۇم ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سىجىل سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى پەيدا بولۇش، يېتىلىشنى تېزلىتىشكە يېتەكلەش، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قاتلىمى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن يېيىش، كىيىش، ئىشلىتىش ئىستېمالى، تۇرالغۇ ئىستېمالى، ئاپتوموبىل ئىستېمالى، ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەردە ئاھالىلەرنىڭ يېيىش، كىيىش، ئىشلىتىش، تۇرالغۇ، يۈرۈش ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشى چۆرىدىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماسلىشىلىپ، ئاساسىي ئىستېمالنىڭ ئەرزان، ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدىغان، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمال بازىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك بولغان بىرقانچە ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىدىغان سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمى سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى ئىسپات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىستېمالدىن كېيىنكى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە تەرەپنى چۆرىدەپ، يۇقىرى قاتلاملىق، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، چەكلەپ تۇرۇشى كۈچلۈك بولغان سۈپەت ئۆلچىمى ۋە ئىستېمالدىن كېيىنكى باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىستېمال ساھەسىدىكى كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىستېمالچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئېڭى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىش تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىستېمال ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىيلىكىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش. ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تەمىناتتا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تەمىناتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ دەۋرىيلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەمىنلەش-ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال نىسبىتىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇش. ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېنگېل كوئېففىتسېنتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش. ئىستېمال مۇھىتىنى يەنىمۇ بىخەتەر، خاتىرجەم قىلىش. ئىجتىمائىي ئىناۋەت مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر