باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ قاتارنىڭ ئەمىرى تامىم بىلەن كۆرۈشتى

2019.02.01 10:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى خەلق سارىيىدا قاتارنىڭ ئەمىرى تامىم بىلەن كۆرۈشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سىز جۇڭگو بىلەن قاتار مۇناسىۋىتىنىنىڭ دەرىجىسىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدىڭلار، بۈگۈن يەنە جاناپلىرى بىلەن مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشتەك يېڭى باسقۇچقا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاتار سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، مەبلەغ سېلىش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ياخشى قانۇن مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ.

  تامىم مۇنداق دېدى: قاتار جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سودا، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، كېڭەيتىشنى كۈتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر