باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 5- مارتتا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى 3- مارتتا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى قارشى ئېلىنىدۇ

2019.02.02 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى ۋە 3- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئىشخانىسى بۈگۈن، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ يىغىننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى بېيجىڭ شەھىرى فۇشىڭ يولى B 11-نومۇردىكى «مېيدىيا» مەركىزىدە ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. خەۋەر مەركىزى 27- فېۋرال خىزمەتنى رەسمىي باشلايدۇ.ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلماقچى بولغان مۇخبىرلار ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. مەركىزىي ئاخبارات ئورنىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەگىشىپ كەلگەن يەرلىك مۇخبىرلار ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرىپىدىن ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىيەت باشقۇرۇش رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىيەت باشقۇرۇش رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىيەت باشقۇرۇش رايونىنىڭ مۇخبىرلىرى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىيەت باشقۇرۇش رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، تەيۋەنلىك مۇخبىرلار گوۋۇيۇەننىڭ تەيۋەن ئىش بىجىرىش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، جوڭگودا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگوغا ۋاقىتلىق كېلىدىغان مۇخبىرلىرى جۇڭگونىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئەلچىخانا ـ كونسۇلخانىلىرى ياكى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھوقۇق بەرگەن ۋىزا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. مۇخبىرلار 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىگىچە تىزىملاتسا بولىدۇ.

  مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى تور بېتى زىيارەت ئۇچۇرى ۋە زىيارەتكە ئالاقىدار مەسلىھەتلەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى:http://npc.gov.cn/pc/13_2 سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى:http://www.cppcc.gov.cn

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر