باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تارقاتتى

2019.02.01 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى، ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئاساسىي قاتلاملار بولسا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاپ تۇرىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى سۇپا ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلاملارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىى ئەمەلىيەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم شۇنااقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئىجتىمائىي ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلى ۋە سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېزا-بازارلار خىزمىتى ۋە كوچا خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ھەمدە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى تۈرلۈك ئاپپارات ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور تۆھبىلەر يارىتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلاملارغا قويغان تەلىپى، يەنى ئىخچام ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدىكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ھەمدە يېزا-بازارلار ۋە كوچا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى بىرىكتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۇرۈلگەن ئاساستا، تۆۋەندىكى يولغا قويۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر