باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.02.01 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-فېۋرال نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۇلۇغۋار پىلان، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئاڭلىق ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان توپلىغان پۇختا ماددىي ئاساستىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت − پارتىيەنىڭ بۇرچ، مۇددىئاسىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىجتىمائىي مەسىلە. خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە جىددىي ئىشىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﯩﻨﻰ زور ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻐﺎ سىلجىتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم تۆۋەندىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى زور بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچى، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ بەشىنچى، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئالتىنچى، يەر شارى ئورتاق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بۇ، بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇش، كەسكىن ئۇرۇش، جاپالىق جەڭ. جايلار، تارماقلار چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر