1-ئاينىڭ 31-كۈنى، كۆۋرۈك ئىشچىلىرى جيۇجياڭ چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدە رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى قىلماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاندا تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جياڭشىدىكى جيۇجياڭ چاڭجياڭ كۆۋرۈكى ئۆتۈشمىسى بېيجىڭ-جيۇلوڭ تۆمۈريولىنىڭ «كانىيى»، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، پويىزنىڭ قاتناش زىچلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭگو نەنچاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جيۇجياڭ كۆۋرۈكى ئىش بۆلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇچاستىكىسى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، كۆۋرۈكنىڭ «تومۇرىنى تۇتۇپ دىياگنوز» قويۇپ، ۋاقتىدا خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پويىزنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى