باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى جەڭچى بولۇشقا، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئوچىقىدا يالقۇنلۇق ياشلىق سەھىپىسىنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى

2019.02.02 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 71-جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈيىنىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، جاپالىق مەشق قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى جەڭچى بولۇشقا، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئوچىقىدا يالقۇنلۇق ياشلىق سەھىپىسىنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەمدە جەڭچىلەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى. جاۋاب خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەر:

  ياخشىمۇسىلەر! يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بىر يىل ئىلگىرى بىز بىللە پىكىر ئالماشتۇرغاندىكى سۈرەتنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدا يەنە زاھىر بولدى. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاڭ جيې روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭلارنى بىلىپ، سىلەردىن خوشال بولۇۋاتىمەن.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىستىقبالى پارلاق. سىلەرنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، جاپالىق مەشق قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىڭلارنى، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى جەڭچى بولۇپ، خەلق ئارمىيەسى ئوچىقىدا تاۋىنىپ، يالقۇنلۇق ياشلىق سەھىپىسىنى يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چاغان كېلەي دەپ قالدى، مەن سىلەرگە ۋە ئائىلەڭلاردىكىلەرگە چاغانلىق سالام يوللايمەن ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ

  2019- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى

  رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە مېھىر بەردى. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 71-جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالايىتەن ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى يولداش ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەنگە بېرىپ، «ۋاڭ جيې بەنى»دىكىلەر بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن بەندىكى يولداشلارنى شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. قوماندان ئەسكەرلەرنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئەسكەرلەر قومانداننى سېغىنىدۇ، قوماندان ۋە ئەسكەرلەر قەلبداش. يېقىندا، «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەر تولۇپ تاشقان مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىش ئىرادىسى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر