باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىلى چاغاندا مەملىكەت بويىچە 415 مىليون ئادەم (قېتىم) ساياھەتكە چىقىپ، 513 مىليارد 900 مىليون يۈەنلىك ساياھەتچىلىك كىرىمى يارىتىلدى

2019.02.11 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019- يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن «بىخەتەر، تەرتىپلىك، سۈپىتى ياخشى، ئۈنۈمى يۇقىرى، مەدەنىي»لىك نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى (مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزى)نىڭ جايلاردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، ئالاقە تىجارەت سودىگەرلىرى، تور سەپەر مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 415 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان؛ 513 مىليارد 900 مىليون يۈەن ساياھەتچىلىك كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرى گۈللەنگەن، تەرتىپلىك بولغان.

  ساياھەت قىلىپ چاغان ئۆتكۈزۈش يېڭى ئۆرپ-ئادەت بولۇپ قالغان، ئائىلىۋىي ساياھەت، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ساياھەتچىلىكى، ئاتا-بالىلار ساياھەتچىلىكى، مەدەنىيەت-ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى قاتارلىقلار بايرام مەزگىلىدىكى ئاساسىي ئېقىم ساياھەت- ئىستىراھەت شەكلى بولۇپ قالغان. چاغان مەزگىلىدە، جايلار مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، چاغانلىق كەيپىيات ياراتقان. بېيجىڭ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن چاغاننى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان؛ ئەنخۇيدا رەڭلىك چىراغ سەيلىسى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، غوڭۇلداق ئويۇنى قاتارلىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن؛ گۇاڭدۇڭدىكى گۇاڭجۇ بۇتخانا سەيلىسى، چاغانلىق گۈل بازىرى، ئەجدىھانىڭ ئويغىنىشىنى تەبرىكلەش، كېجيالىقلار تاغ ناخشىسى، چاي يىغىش ئويۇنى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىدىن ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي قالغان.

  «مۇزېيدا چاغان ئۆتكۈزۈش» كەڭ ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى (مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزى)نىڭ تەكشۈرۈشىچە، چاغان مەزگىلىدە مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا ۋە پەن-تېخنىكا سارىيى، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە كوچىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ساياھەتچىلەر نىسبىتى ئايرىم ئايرىم %40.5، %44.2، %40.6 ۋە %18.4كە يەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئويۇنلىرىنى كۆرگەن ساياھەتچى %34.8كە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر