خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-فېۋرال، ئېرلاندىيە پايتەختى دۇبلىننىڭ شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيىدا، دۇبلىن شەھەر باشلىقى نىيال لىن جۇڭگو چاغىنىنى تەبرىكلەش ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە مۇزىكا كېچىلىكىدە تەبرىك سۆزى قىلماقتا. ئېرلاندىيەنىڭ دۇبلىندىكى جۇڭگو چاغىنىنى تەبرىكلەش ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە مۇزىكا كېچىلىكى 1-فېۋرال كەچتە دۇبلىن شەھىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ 17 كۈن داۋاملىشىدىغان جۇڭگونىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى