سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەسىنىڭ قەدىمىي شەھەر جەنۇبىي قوۋۇقى ئاسمىنىدا چاقنىغان ئېلېكتىرونلۇق پوجاڭزىلار كىشىلەرگە كاتتا ھوزۇر بېغىشلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى (مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى) جايلاردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، ئالاقە تىجارەت سودىگەرلىرى، توردىكى سەپەر مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرلىشىچە، 2019-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 415 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان؛ 513 مىليارد 900 مىليون يۈەن ساياھەتچىلىك كىرىمى يارىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى