باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سېتىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليوندىن ئېشىپ، چاغانلىق ئىستېمال كۆرۈنەرلىك بولدى

2019.02.11 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10- فېۋرال سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2019- يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاۋار بازارلىرىدا ئىستېمال مىقدارى مۇقىم ۋە تېز ئاشقان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، 4- فېۋرالدىن 10- فېۋرالغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى تەخمىنەن بىر تىرىليون 50 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدىكىدىن %8.5 ئاشقان.

  بۇ يىل چاغاندا، بايراملىق نەرسە سېتىۋېلىش، ھارپا كېچىلىك يېمەك-ئىچمەكلەر، ئىبادەتخانا سەيلىلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىستېماللار جانلىنىپ، بايراملىق سوۋغاتلار، ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئېلىكترون مەھسۇلادلىرى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلار دېگەندەكلەرنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان، ھەمدە توردىكى ئىستېمال، زاكاز قىلىنغان ئىستېمال، ئىستېمالنى ھېس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستېمال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال تۈرلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  تاۋار ئىستېمالىدا سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە، ئەنئەنىۋى چاغانلىق ماللار، يېشىل يېمەكلىكلەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېڭى تىپتىكى رەقەملىك مەھسۇلاتلار ۋە يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار دېگەنلەرنىڭ سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشقان. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭدا ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ چيەنجياڭدا نۇقتىلىق كۆزىتىلگەن كارخانىلارنىڭ يېشىل ۋە ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ۋە %18.6 كۆپەيگەن. ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر سودا سۇپىلىرى چاغاندا نورمال تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدىمۇ توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتەك قولايلىق بولغان مۇلازىمەتتىنمۇ بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. مەلۇم ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئەتراپىدا كۆپەيگەن، ئاقىل يان تېلېفونلار، ئوتتۇرا-يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، مودا كىيىم-كېچەكلەر دېگەندەك تاۋارلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر