باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئاجىزلايدۇ

12-فېۋرال بېيجىڭدا قار يېغىشى مۇمكىن

2019.02.11 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى مېتېئورولوگىيە ئىستانىسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- فېۋرال كۈندۈزى ئەنخۇي، جياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا قار ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغقان. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبقا سۈرۈلۈشىنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كېچىدە ئاجىزلايدىكەن. كەلگۈسى بىر ھەپتە ئەتراپىدا، جەنۇبتا بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆپرەك بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 12-فېۋرال ۋە 14-فېۋرال بېيجىڭدا قار يېغىشنىڭ تەسىرىگە دىققەت قىلىش لازىم ئىكەن.

  10-فېۋرال كۈندۈزى، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ جەنۇبى، شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بىردىن ئالتە مىللىمىتىرغىچە قار (يامغۇر) ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغقان؛ 10– فېۋرال سائەت 14تە، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ جەنۇبى، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا ئىككىدىن توققۇز سانتېمېتىرغىچە قار يىغىلغان. 10-فېۋرال كېچىدىن 11-فېۋرالغىچە، جياڭسۇ، ئەنخۇينىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇبېينىڭ شەرقى، خۇنەننىڭ شىمالى، گۈيجۇنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغقان.

  كەلگۈسى بىر ھەپتە ئەتراپىدا چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو، چوڭچىڭ، گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق يامغۇر ياغىدىكەن، يامغۇر مىقدارى ئازدىن ئوتتۇراھالغىچە بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ غەربىي قاتارلىق جايلاردا قىسمەن قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر