باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 32-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.02.11 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- فېۋرال تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 32-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەددىسئەبېبەدە ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا ئىتتىپاقى بولسا، ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بايرىقىدۇر. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ خەلقئارا ۋە رايوننىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىگە داۋاملىق تۈردە بىردەك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. مەن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا ئەللىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى ۋە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھالدا قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 9- ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. بىز ئافرىقا ئەللىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەنتەنىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ۋە ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن لايىھە پىلانلاشتۇق. جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063ـ يىللىق قارالمىسى»، ب د ت نىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە ئافرىقىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن چوڭقۇر دەرىجىدە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى جالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر