باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا ئىلھاملاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.02.03 10:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تارقالغان «خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ»، دېگەندەك گەپلەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر تارىخ سەھنىسىدىن چىكىنىپ چىقمايلا قالماي، ئەكسىچە ھۆكۈمەت يەنە يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يەسلى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىگە پائال يېتەكلەيدۇ ۋە يۆلەيدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 1-ئايدا «شەھەر-بازارلاردىكى مەھەللە يانداشما يەسلىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان ئىدى. لېكىن قىسمەن تاراتقۇلار «مەھەللە يانداشما يەسلىلىرىنى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ ياكى ھاۋالە قىلىپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ»، دېگەن مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى «خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ»، دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان.

  بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرى ھەم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرلىك خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، جايلار ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى پائال يۆلىدى. 2017-يىلى، خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر سانىنىڭ يەسلى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %63كە يېقىنلاشتى، لېكىن خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئومۇمىي مىقدارىدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر ئاران %43 ئەتراپىدا بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش»، «قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، چوقۇم داۋاملىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇش تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىشىنى پائال يۆلەپ ۋە يېتەكلەش لازىم. لېكىن خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇش چىقىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، يەسلى قۇرغۇچىلار پايدا ئالىدىغان يەسلى قىلىپ قۇرۇشنى تاللاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تاللاش خاراكتېرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرسا بولىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ قېتىم ئاساسلىقى شەھەر-بازارلاردىكى مەھەللە يانداشما يەسلىلىرىنى پىلانلاش جايىدا بولماسلىق، قۇرۇلۇش جايىدا بولماسلىق، ئۆتكۈزۈپ بېرىش جايىدا بولماسلىق، ئىشلىتىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەھەللە يانداشما يەسلىسى بولمىغان يەسلىلەر بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىش دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس.» يەسلى قۇرغۇچىلار مەھەللە سىرتىدىكى باشقا سورۇنلاردا ئاچقان يەسلىلەر دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە داۋاملىق قانۇن بويىچە يەسلى ئېچىپ، ئالاقىدار يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر