باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: چاغان مەزگىلىدە، رەسمىي ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى بولۇپ توققۇز ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى

2019.02.12 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 11- فېۋرال خەۋىرى: چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغان چاغدىكى، بولۇپمۇ بېيجىڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغان چاغدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمدە ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، چاغاندىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى؛ بۇ مەزگىلدە، ج خ خەلق ساقچىلىرى ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداش نىيىتىدە، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ئاممىغا كۆڭۈل قويۇپ، ئۇلارنى ئەستايىدىل زىيارەت قىلىپ، ھەمدە جاپالىق تۆھپە قوشۇپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى. 2- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئامانلىق تەرتىپى ياخشى بولدى، جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمۇ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك بولدى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرتىپى رەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول قاتناش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە راۋان بولدى.

  بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چوڭ تىپتىكى بايرام پائالىيەتلىرى كۆپ بولدى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغان، ھەمدە سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغانلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىر ھەم مۈشكۈل بولدى. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت جاۋابكارلىقىنى چىڭىتىپ، رەھبىرىي يولداشلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. كەڭ خەلق ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، كۆپچىلىكنى دەپ ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ، كوچىلاردا چارلاش قىلىپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، ئۆزلىرىنىڭ قان تەرى ھەتتا ھاياتى بىلەن، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئامانلىق ۋە تىنىچلىقنى ھەم مىڭلىغان ئائىلىنىڭ تىنچ-ئامان ۋە بەختلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى. چاغان مەزگىلىدە، رەسمىي ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى بولۇپ، توققۇزى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر