باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئېگېي دېڭىزىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 69 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتۇلدۇردى

2019.02.12 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 11- فېۋرال تۈركىيەنىڭ ئېگېي دېڭىزىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ گرېتسىيەگە بارماقچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەردىن 69ىنى قۇتۇلدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 36سى بالىلار ئىكەن.

  تۈركىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان يەل كېمە تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئايدىن ئۆلكىسى قۇشئاداسى شەھىرىگە كەلگەندە، كېمە ماتورىدىن كاشىلا چىقىپ، كېمە كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويغان. يەل كېمە چۆكۈپ كىتەيدېگەن چاغدا، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىملىرى يېتىپ بېرىپ، كېمىدىكى بارلىق خادىملارنى قۇتۇلدۇرىۋالغان.

  تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جەمئىي 1601 كىشى تۈركىيەدىن ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ گرېتسىيەدىكى ئاراللارغا بېرىش غەرىزىدە بولغان بولۇپ، بۇنداقلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 590 كىشى ئازايغان.

  ئېگېي دېڭىزى يېقىنقى يىللاردىن بېرى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەدىن ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا بارىدىغان مۇھىم ئۆتكىلى بولۇپ قالدى. 2016- يىلى 3- ئايدا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. كېيىن، تۈركىيە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكتىن، ئېگېي دېڭىزى ئارقىلىق چېگرىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ ئۆتىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر