باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە G5 تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا نەزەر

كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئىستىكىنى قوزغىتىشتىكى24 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى (ئۇ تەدبىرلەرنىڭ سىياسەت يەشمىسى)

2019.02.11 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 10 تارماق يېقىندا، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەمىناتنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئىستېمالنىڭ مۇقىم ھالدا ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەمدە قۇدرەتلىك بولغان ئىچكى بازارلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2019- يىلى)»نى بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتتى. بۇنىڭدا، ئالتە جەھەتتىكى 24 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنداقتا، بۇ 24 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر پۇقرالارنىڭ ئىستېمالىغا زادى قانداق پايدىلارنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ؟ كارخانىلار زادى قايسى ساھەلەردە تەمىناتنى سەرخىلاشتۇرۇپ، يېڭى سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالامدۇ؟

  دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ليۇ يۈنەن مۇنداق دېدى: تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ھازىر تەس بولىۋاتقان بۇ گەۋدىلىك زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈپ بېرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن كارخانىلارنى كۈچەپ يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك بولغان ئىچكى بازارلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ مۇقىم ھالدا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ئىستېمالىنىڭ«چوڭ بېشى»نى مەھكەم تۇتۇش كېرەك

  ليۇ يۈنەن يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئىستېمالى سۈرىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ 0.8 پىرسەنت پوئېنتلىق ئېشىش سۈرئىتى بىلەن بولغان بۇ پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەمەلىيەتتە 2018- يىلىدىكى ئىستېمال ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىستېمالنىڭ تەكشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولساق، ئۇنداقتا ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق تاۋار ئىستېمالىنىڭ «چوڭ بېشى»نى مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يولغا قويۇش لايىھەسىدە، ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئائىت ئالتە تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدا، بولۇپمۇ كونا ئاپتوموبىللارنىڭ زاپچاسلىرىنى يېڭىلاش ۋە كونا ئاپتوموبىللارنى تولۇق بىراك قىلىپ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىستېمال تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ جەھەتتە، كىشىلەر ئەگەر ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش دۆلەت Ⅲ ئۆلچىمىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۆلچەمدىكى ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلسا، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ بىراك قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىغا يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشىنى ۋە ئۇنداق كىشىەرگە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشنى قوللاش كېرەك.

  نىمكەش ئاپتوموبىللار مەسىلىسى جەھەتتە، نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ نوپۇسىنى كۆچۈرۈشنى چەكلەشنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ نىمكەش ئاپتوموبىللار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارغا قارىتا، ئۇلار نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ساتقاندا، كونا ماللارنى سېتىش بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ليۇ يۈنەن يەنە مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىرلەر ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەمدە ئاپتوموبىل كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئارىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كىشىلەرنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلار ئىستېمالىغا بولغان ئىستىكىنى قوزغىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك

  بۇ يولغا قويۇش لايىھەسىدە، «يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى مەھسۇلات ئىستېمالىغابولغان ئىستەكنى قوزغىتىش» تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېڭى مەھسۇلات ئىستېمال دېگەن نېمە؟ بۇ ليۇ يۈنەننىڭ قارىشىچە، يېڭى مەھسۇلات ئىستېمالى بولسا، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېمالنىڭ «ئېشىشى»نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، دېگەندەك. بۇنىڭدا، ئەگەر ئىستېمالچىلار كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، تۈرتكە بولۇش ساھەسى كەڭرى، ئېنېرگىيە تېجەشلىكى يۇقىرى، بۇلغىما ئازايتىشقا ماسلىشىش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولغان يېڭى تىپتىكى يېشىل ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا، شارائىتى يار بېرىدىغان ئورۇنلار ئىستېمالچىلارغا مۇۋاپىق ھالدا ياردەم پۇل بېرىش كېرەك.

  ليۇ يۈنەن يەنە مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئىستېمالىغا بولغان ئىستىكىنى قوزغىتىش بولسا،تاۋار ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. بۇ يولغا قويۇش لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان "ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىش"تىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنىڭ ئومۇمىي تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاھالىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ھېسابلىنىدۇ.»

  يەنە بىر جەھەتتىن، كەسىپلەرنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش لازىم. يولغا قويۇش لايىھەسىدە، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىشىنى قوللاش ۋە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قىسىم سىياسەت-تەدبىرلەر مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئالاقىدار زاپچاسلار كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك بولغان ئىچكى بازارلارنى شەكىللەندۈرۈشتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ليۇ يۈنەن يەنە مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى يولغا قويغان «ئېنېرگىيە تېجەش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»دا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارغا مالىيەدىن قوشۇمچە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، ئېنېرگىيە ئۈنۈم چاستوتىسى تەڭشىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇزلاتقۇ، دومۇلىما كىر ئالغۇ، تەكشى ئېكرانلىق تېلېۋىزور قاتارلىق بىرىنچى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەر بۇ سىياسەت پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇلسا، 2019- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە 150 مىليون دانە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئاشۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش ۋە ئىستېمالىنى تەخمىنەن 700 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن ھاياتلىقنىڭ دەۋرىيلىك توك تىجىشى تەخمىنەن 80 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ.

  ئۇچۇر ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

  5G سودا قەدىمىنى تېزلىتىش

  يولغا قويۇش لايىھەسىدە، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەر ئاساسەن مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: خەلقئارالىق ئىستېمالنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ ئۇچۇر ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇلىدىغان تاۋارلارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.

  دۇڭ داجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇچۇر ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئۇچۇر ئالاقە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش،G5نى سودىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم. دەسلەپكى تەخمىنىي ھېساب بويىچە بولغاندا، دۆلىتىمىزدە G5 سودىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن ئالدىنقى بەش يىلدا،ئۇ بىۋاستە تۈرتكە بولغان ئىقتىسادىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 تىرىليون يۈەندىن، ئىقتىسادىي قوشۇلما قىممىتى 3 تىرىليون يۈەندىن، بىۋاستە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى ئۈچ مىليوندىن ئاشىدىكەن.

  دوڭ داجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، دۇنيادا G5 كەسپى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، G5 تور ئۈسكۈنىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلدى، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا G5 تېرمىنالىنىڭ ئۆزىكىنى ئېلان قىلىشقا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، 2019- يىلى يىل ئوتتۇرىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون تېرمىنالى ئېلان قىلىنىدۇ». بۇ يىل، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىG5نى سودىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. G5 كەسپىنىڭ پىشىپ يېتىلىش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار ئاساسىي تېلېگراف تىجارىتى كارخانىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، بىر قانچە شەھەردە G5نى سودىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى تەجىرىبە قىلىشقا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تور قۇرۇپ، كەسىپتە ئىشلىتىش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىپ، G5 تورى قۇرۇلۇشى، كەسپتە ئىشلىتىش ۋە سودا ئەندىزىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىجارەت تەجىرىبىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، G5نىڭ رەسمىي سودىلاشقان ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر