باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ باھارى

2019.02.11 16:11         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «باھار قانداق بولىدۇ؟ يېڭىلىقنىڭ باشلانغان ۋاقتى بولىدۇ»چاغان بارچە جەم بولۇپ، كونا يىلدىكى گۈزەل چاغلارنى ئەسلەيدىغان ۋاقتلا بولۇپ قالماي يەنە روھنى قوزغىتىپ، يېڭى يىلغا قەدەم باسىدىغان ياخشى پەيت. يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئىشلار بولىشى كېرەك، چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە، ھەر مىللەت كادىر ئامما يېڭىچە روھ، ئالغا ئىنتىلىش ئىستىكى بىلەن يېڭى بىر يىلدىكى ئىشلارنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن پىلان تۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «ئىشنىڭ بېشى باھاردىن»باھاردا ھەممە ئويغىنىدىغان بولۇپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەش، يېڭىلىق يارىتىشتا پىلان، نىشان بولغاندىلا ئالغا توغرا يۆنىلىشكە قاراپ پۇختا ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ. «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىمەن»، «يېڭى يىلدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلايمەن»، «يۇرتۇمنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرىمەن»... بۇ تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ نىشانلىرى بولۇپلا قالماي يەنە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى ھەر بىر كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان كونكېرت پىلانى. نىشان بولغاندىلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئۈمىد بولىدۇ.

  بەختنىڭ ھەممىسى تېرىشچانلىقتىن كەلگەن. ئېنىق نىشان بولىشى ھەم ئۇنىڭغا قەدەممۇ قەدەم يېتىش كېرەك. چاغاننىڭ ئالدىدا ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بېسىم ئۆزگەرتىش زاۋۇتىدا قىزغىن ئىشلەش كەيپياتى داۋاملىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. خىزمەتچىلەر 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاپشۇرىدىغان زاكاسلارنى تاماملاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ئىشنىڭ ئىنچىكىلكى ھەتتا سائەت بويىچە ھېسابلىناتتى. ئۆتكەن يىلدا تىرانسفورموتور ئىستانىسىسى بېسىم ئۆزگەرتكۈچىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 260 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. «يولنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ»مەيلى كارخانا ياكى شەخس بولسۇن، مۇۋەپەققەيەتنىڭ ھەممىسى ئاز-ئازدىن كۆرسىتىلگەن تېرىشچانلقتىن كەلگەن.

  ھەممە ئىش روناق تاپىدىغان باھاردا، دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر تېرىشقۇچىلارغا ئوزۇق بولىدى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار»خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرىنى كۆڭلىنى تېچلاندۇردى؛ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلارغا بەخت ئېلىپ كەلدى. مەيلى كىچىك نىشان ياكى چوڭ پىلان بولسۇن پارتىيە ھۆكۈمەتكە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا كۆڭۈل توق، يوللار راۋان بولىدۇ.

  «تېرىشقان ئاشار». چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىش كۈتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى يېڭى يىلغا زور ئۈمىدلەرنى باغلىماقتا. يېڭى يىلدىكى ھەر بىر ئىش ئورنىدا، مىڭلىغان، تۈمۈنلىگەن مۇستەھكەم ئىرادە ۋە تېرىشچانلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى، جۇڭگو ئارزۇسى شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر