باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو-پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.02.11 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى دې سوسا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-پورتۇگالىيە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 1999-يىلى، ئىككى تەرەپ ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 2005-يىلى جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئۆزئارا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېقىندا مەن دۆلىتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، سىز بىلەن چوڭقۇر، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى پىلانىنى ئورتاق پىلانلىدۇق. مەن جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  دې سوسا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئىناق ئۆتۈپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالدى. ئىككى تەرەپ باراۋەر كېڭىشىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق ئاۋمېن ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. پورتۇگالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىنچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەسسىلەپ ئىپتىخارلىنىدۇ، ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ بوشاشماي تىرىشىش، قەتئىي ئىرادە ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: پورتۇگالىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كوستا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: پورتۇگالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت يارىتىپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى يەر شارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر