جىددىي قاتناش يولىنى خالىغانچە ئىگىلەپ يول يۈرگەنلەرگە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ
2019.02.11 16:06 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تىيانشان تورى خەۋىرى: چاغانلىق دەم ئېلىشتىن قايتىش قاتناش بېسىق مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ توسۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبلىك تۇرۇپ قالغاندا، جىددىي قاتناش يولىنى ئىگىلىۋېلىشكە قەتئىي بولمايدۇ، چوقۇم نۆۋەت بىلەن يول يۈرۈش كېرەك، ناۋادا خىلاپلىق قىلىنسا، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 200يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر