باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەرمان ئىمزالاپ «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيە رېۋىزىيە نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

2019.02.12 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيە رېۋىزىيە نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)، بۇ «نىزام» 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيە رېۋىزىيە ساھەسىدىكى تۇنجى بەلگىلىمە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۆزلەپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ پارتىيە ئارمىيەنى قۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە رېۋىزىيە تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى قەتئىي تۈزىتىشتىكى قاتتىق تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ساھەسىدىكى قانۇنغا تايىنىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشتەك تۈزۈم ۋە قائىدىلەرنى ئورناتتى. بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە ھەربىي تەلىم-تەربىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ھەربىي تەلىم-تەربىيەنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەربىي تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر