باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلادا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلدى

2019.02.12 16:22   مەنبە: خەلق تورى

ۋېنېسۇئېلادا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلدى

  2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋېنېسۇئېلانىڭ مىلاندادىكى بىر ھەربىي قەلئەدە، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو (سولدا) بىلەن بىر ئەسكەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

  ۋېنېسۇئېلا ئارمىيەسى تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 10-فېۋرال كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي باشلىدى.

  ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو شۇ كۈنى مىلاندادىكى بىر ھەربىي قەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھاۋا مۇداپىئە مانىۋېرىنى كۆردى، مانىۋېردا رۇسىيەدە ياسالغان قوراللار ئىشلىتىلدى. مادۇرو مۇنداق دېدى: دۆلەت ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت يېتەرلىك مەبلەغ سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ۋېنېسۇئېلا ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ۋېنسۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى گۇائىدو 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ بىر مەيدان يىغىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ئۆزىنى ئۆزى ۋېنسۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى» دەپ جاكارلاپ، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى گۇائىدونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مادۇرونى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا يېقىندا ۋېنسۇئېلانىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە نېفىتچىلىك كەسپىگە بولغان جازالاشنى داۋاملىق كۈچەيتتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يېقىندا يەنە ۋېنسۇئېلاغا قارىتا ھەربىي ئارىلىشىش ئېلىپ بېرىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا ئىلھاملاندۇرۇلىدى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى