باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى تەكىتلىدى

2019.02.15 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ۋە ئىران زوڭتۇڭى روھانى 14-فېۋرال رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر سوچىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى تەكىتلىدى.

  رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران ئۈچ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرى شۇ كۈنى سۇرىيە ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا ئۈچ دۆلەتنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايدىغانلىقى ھەمدە ب د ت نىزامنامىسىنىڭ نىشانى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. ئۈچ دۆلەت مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ پىرىنسىپلارغا ئومۇميۈزلۈك رىئايە قىلىنىشى كېرەك، ھەرقانداق كىشىنىڭ، ھەرقانداق ھەرىكەت قوللىنىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ.

  قوشما باياناتتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن سۇرىيەدە يېڭى رېئاللىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنى رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران ئۈچ دۆلەتنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۆلگۈنچىلىك پىلانىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ئېيتىلدى. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرى يولغا قويۇلسا، سۇرىيە دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.

  ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، سۇرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلار ۋە ئالاقىدار شەخسلەرنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىشىش تەكىتلەندى. ئۈچ دۆلەت سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەرىكەتلەرنى كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قوشۇلۇپ، سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى پەقەت سۇرىيەلىكلەرنىڭ ب د ت نىڭ ياردىمىدە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە كېڭىشىپ ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئۈچ دۆلەت سۇرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى تېزدىن يولغا قويۇش ھەمدە سۇرىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ھەمكارلىشىش ۋە كېڭىشىش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

  قوشما بايانات يەنە سۇرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالماشتۇرغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۇرىيەلىكلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا ئامان-ئېسەن قايتىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  قوشما باياناتقا ئاساسەن، كېلەر قېتىملىق رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر