باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يەنە ئۈچ C919 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش سىنىقى قىلىدۇ

2019.02.15 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق ئۈچ چوڭ يېڭى يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم سىناپ ئۇچۇرۇلىدۇ، C919 تىپلىق ئايروپىلاننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، سىناپ ئۇچۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىدۇ دېدى.

  شاڭخەينىڭ پۇدۇڭغا جايلاشقان C919 تىپلىق ئايروپىلاننى ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇش سېخىدا، تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلۇپ بولغان 102-، 103-ئايروپىلانلار سىناپ ئۇچۇرۇشقا باشقىدىن قوراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ ھەم ئالاقىدار سىناقلار قىلىنىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىن سىناپ ئۇچۇرۇش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىدۇ. ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان 104-ئايروپىلان بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلىدۇ. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى C919 تىپلىق ئايروپىلان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 104-ئايروپىلان ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، 105-ئايروپىلان قىسمەن قوراشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا، 106-ئايروپىلاننىڭ ھەر قايسى چوڭ بۆلەكلىرى پىلان بويىچە ياسىلىۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، سىناپ ئۇچۇرۇش خىزمىتى تولۇق باشلىنىشى مۇمكىن.

  بۇ يىل ئۈچ C919 تىپلىق ئايروپىلان تۇنجى قېتىم سىناپ ئۇچۇرۇلغاندىن كېيىن، C919 تىپلىق ئايروپىلاننى سىناپ ئۇچۇرۇش ئومۇمىي سانى ئالتىگە يېتىدۇ، سىناق ئۇچۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش خىزمىتى يەنىمۇ تېزلىتىلىدۇ. C919 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ گۇاڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەمئىي ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىناپ ئۇچۇرۇش، ئىسپات ئېلىش، لايىھەلەش، تەجرىبە قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيمىز، 2021-يىلى تۇنجى خېرىدار شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشىمىز مۇمكىن.

  C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلان-جۇڭگو خەلقئارانىڭ ئىلغار ھاۋا مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش ئۆلچىمى ھەم ئاساسلىق بازارلارنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى يەككە يوللۇق غول لىنىيە ئايروپىلانى. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۇنجى C919 تىپلىق ئايروپىلان شاڭخەيدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلدى. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ھازىرغىچە، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى 28 خېرىدار C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلاندىن 815 نى زاكاز قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر