باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى

2019.02.15 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 14-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى، مەمۇرىي ئىشلار، ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ئۆتكەل جېڭىنى قانۇن بويىچە ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان بولدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى جاڭ شۆچياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە، جىنايى ئىشلارنى تەپتىش قىلىش ساھەسىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى مۇھىت بايلىقىنى قوغداشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا چېتىشلىق 9470 دېلودىكى 15095 كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ، 26287 دېلودىكى 42195 كىشىنى ئەيىبلىدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1-تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ جىجيې مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى.

  جۇڭگوچە ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جۇڭگونىڭ ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش تۈزۈمىدە دەۋادىن ئىلگىرىكى تەرتىپ تەسىس قىلىنغان، يەنى تەپتىش ئورگىنى تەپتىش قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار تەپتىش قىلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، تەپتىش ئورگانلىرى ئۇلارنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدۇ.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەم مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بيې تاۋ مۇنداق دېدى: %97 دېلو دەۋادىن ئىلگىرىكى تەرتىپ ئارقىلىق ئاخىرلىشىدۇ. دەۋا قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇھىتنى ئاسراش ئاممىۋى ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. تەپتىش ئورگانلىرىمىز دېلو بېجىرىش، مەمۇرىي ئاممىۋى دەۋا قىلىش ئارقىلىق، مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئاممىۋى دەۋانى تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى نامايان بولىدىغان جاي، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاممىۋى دەۋا تۈزۈمىدىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى.

  ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاكتىپ ھالدا ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلەر كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

  2018-يىلى 10-ئايدا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئېنىق بېكىتىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىت بايلىقىنى قوغداشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايەت دېلولىرىدىكى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا جاۋاب قايتۇردى.

  جاڭ جىجيې مۇنداق دېدى: بىزنىڭ جىنايەتچىلەرنى جازالاشتىكى مەقسىتىمىز جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلارغا ئاددىيغىنە جىنايى جازا بېرىشلا بولماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تۈزەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىشتىن ئىبارەت.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر