باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرقايسى تارماقلار توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، چاغانلىق تىرانسپورتقا ياردەم بەردى

2019.02.15 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق ئارام ئېلىشتىن كېيىن، جايلاردا يولۇچىلار ئېقىمى يەنىلا يۇقۇرى ھالەتتە تۇردى، ھەرقايسى تارماقلار يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن توشۇش كۈچى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى ۋە مۇلازىمەت تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، تىنچ، تەرتىپلىك، ئىللىق چاغانلىق تىرانسپورت بەرپا قىلدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى چاغاننىڭ 9-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا توشۇلغان يولۇچى 11مىليون 800مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئېشىشى مۇمكىن. مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا قاتنىغان يولۇچى 12مىليون 87مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 228مىڭ ئادەم قېتىم يەنى %1.9 ئېشىپ، ئۇدا بەش كۈن ئون مىليون ئادەم قېتىمدىن يۇقۇرى بولدى.

  جايلاردىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى توشۇشقا تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، پويىز قاتناش لايىھەسىنى سەرخىللاشتۇردى، بېيجىڭ ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى جامۇس، جېڭجۇ، شىئەن، تيەنجىن، جىنەن قاتارلىق جايلارغا 72 پويىزنى كۆپەيتتى، ۋۇخەن ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، يىچاڭ قاتارلىق جايلارغا 119 پويىزنى كۆپەيتتى، جىنەن ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى چىڭداۋدىن بيېجىڭ جەنۇبى ۋوگزالى، روڭچېڭدىن جىنەننىڭ غەربىي ۋوگزالى، دامىڭخۇدىن چىڭداۋغا بارىدىغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك پويىزدىن 40نى كۆپەيتتى.

  چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى جېجياڭ نىڭبو شەھىرى يىنجۇ رايونلۇق توك بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتى تۈرلۈك توك بىلەن تەمىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى يولۇچىلار تىرانسپورت نۇقتىلىرى ئېلېكتىر تورى لىنيە يولى ۋە ئەسلىھەلىرىدە كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىنورمال ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا مۇھىم ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، جابدۇقلارنى چارىلاپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە بىرتەرەپ قىلىپ، ئېلېكتېر تورى بىخەتەرلىكىنىڭ ئىشەنچىلىك يۈرۈشىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروت شىركىتى كۈنمىڭ لىنيەسى چاغانلىق ئارام ئېلىش ۋە ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدا گۈلگە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس گۈل لىنيەسى ئاچتى، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۈنمنىڭدىن توشۇلغان گۈل تۈرىدىكى ماللىرى 708توننىغا يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر