باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەن جېڭ جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش دۆلەتلىك كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.02.15 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگو جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش دۆلەتلىك كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جانلىقلارنىڭ كۆپخللىقى ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ــ ئېكولوگيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىيادقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تۇتقۇسى، ئېلىمىز جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنىڭ تۆۋەنلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلمىدى، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى پائالىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا مەۋجۇد. جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىىتىنى چوڭقۇر تونۇپ،مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى، تەخرىسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاغ،سۇ، ئورمانلىق، ئېتىز،كۆل، يايلاق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيەگە ئاساسەن، دۆلەت باغچىسى ئاساسى گەۋدە ، تەبئىي قوغدىلىدىغان رايون ئاساس، تۈرلۈك تەبئىي باغچىلار تولۇقلىما قىلىنغان تەبئىي قوغدىلىدىغان جايلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىم تەبئىەت ئېكولوگيە سىستېمىسىنى ئەڭ قاتتىق قوغداش كېرەك، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ــ ئەڭ ئەتىۋارلىق تەبئىي بايلىق، شۇڭا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئوۋلاش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم، تەبئىي ئېرسىيەت بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىق ئاساسىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىق ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە يۈزلىنىشنى ۋاقىتىدا ئىگەللەش، ئەڭ چىڭ تۈزۈم، ئەڭ قاتتىق قانۇنچىللىق ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇنغا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنى 2020-يىلى ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، تەييارلىق خىزمىتىنى پائال ياخشى قىلىپ، ساھىپخان دۆلەتنىڭ بۇرچىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، تولۇق مۇۋاپپەقيەتلىك، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر