باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمپورت ـ ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا

2019.02.15 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئايدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 730 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.7 ئاشتى. تاشقى سودا قۇرۇلمىسى ئەلالىشىپ، سۈپىتى ئۆستى، ئىمپورت - ئېكسپورتتا مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى.

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ 14- چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 730 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13.9 ئاشقان. ئىمپورت 1 تىرىليون 230 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.9 ئاشقان؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 271 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1.2 ھەسسە كېڭەيگەن.

  ئامېرىكا دوللىرى بويىچە باھا ھېسابلىغاندا، 1- ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 395 مىليارد 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، % 4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 217 مىليارد 570 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %9.1 ئاشقان؛ ئىمپورت 178 مىليارد 410 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، % 1.5 ئازايغان؛ سودا ئاكتىپ بالانىسى 39 مىليارد 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 1.1 ھەسسە كېڭەيگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر