باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.02.15 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پۇقراۋى ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز رول ئوينىماقتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. جايلار، تارماقلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ تەدبىر تۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى پائال قوللاپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، لېكىن قىسمەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيەسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلىشقا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھاملاندۇرۇپ، قوللاپ، يېتەكلەپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان مۇھىم تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر