2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھىرى كاككۇك دەرياسىدا قىشلاۋاتقان ئاق قۇلار شەھەرنىڭ كۆپلىگەن ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى.
يېقىندا، شىنجاڭ كورلا شەھىرى كاككۇك دەرياسىدا قىشلايدىغان نەچچە يۈز ئاق قۇ شەھەرنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە، كورلا شەھىرىدە قىشلايدىغان ئاق قۇ تەخمىنەن 400چە بولۇپ، بۇ گۈزەل ئاق قۇلار سۇ يۈزىدە خىرامان ئويناپ، كورلا شەھىرىگە ئىللىق باھار تۈسى قوشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى