باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.02.13 17:07   مەنبە: خەلق تورى

«دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا، مېھمانلار «دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە 11-فېۋرال ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرگەزمە «ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش»، «خەلقئارا دېڭىز ئۈستى يولىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش»، «خەلقئارا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش» ۋە «بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش» قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان. 17 كۆرگەزمە تاختىسى، 60 نەچچە پارچە سۈرەت، ئالمىشىپ قويۇلغان خەنزۇچە- ئىنگلىزچە قوش تىللىق قىسقا سىن قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى جانلىق بايان قىلىنىپ، جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ تىنچلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ئەينەن خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن سەمىمىيىتى ۋە ياخشى نىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يەسلى ئېچىشىغا ئىلھاملاندۇرۇلىدى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى