باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە سېتىشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى

2019.02.15 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى 14-فېۋرال ئۆتكۈزگەن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە سېتىش ساھەسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، سودا مىنىستىرلىقى ھازىر بىۋاسىتە سېتىشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ساقلىقنى ساقلاش بازىرىنى رەتلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

  گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە بىۋاسىتە سېتىش ساھەسىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىۋاسىتە سېتىش كارخانىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايقالغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش مەسىلىلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قەتئىي بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

  سودا مىنىستىرلىقى ئېنىقلاپ رەتلەش ئاساسىدا، بىۋاسىتە سېتىشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزام تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار فۇنكسىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بازار ئىجازىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىناۋەتنى يادرو قىلغان بىۋاسىتە سېتىش ساھەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، بىۋاسىتە سېتىش كارخانىسى ۋە ئاساسلىق كەسىپكارلار ئىناۋىتى «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى ئورنىتىپ، ساھەنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر