باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە "يېزىلار، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار" تەرەققىياتىنى ھەقىقىي قوللىدى

2019.02.15 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش فوندىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە "يېزىلار، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار" تەرەققىياتىنى ھەقىقىي قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە، يەنى كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق، كېپىللىك ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، بانكا ۋە كېىللىك شىركەتنىڭ ھەمكارلىقى راۋان بولماسلىق، خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك دېگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا، تۆۋەندىكىدەك ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئېنىق كۆرسەتتى.

  بىرىنچىسى، دىققەتنى مىكرو كارخانىلار، يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى دېگەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان مەبلەغنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە كېپىللىك قىلىش كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش ۋە قايتا كېپىللىك قىلىش ئاپپاراتلىرى چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىش بىلەن ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش كەسپىنى ئاجرىتىپ مۇئامىلە قىلىپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلار، يېزىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى دېگەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان كەسپ كۆلىمى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەككە كېپىللىك سوممىسى 5 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە "يېزىلار، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار" سۇبيېكتلىرىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك.

  ئىككىنچىسى، مىكرو كارخانىلار ۋە "يېزىلار، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار" ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئۇنىۋېرسال تەننەرخنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش ئاپپاراتلىرى چوقۇم ئاممىۋى ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بىر قەدەر تۆۋەن ھەق نىسبىتىنى ساقلاپ قىلىش كېرەك. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش فوندىنىڭ قايتا كېپىللىك كەسپى ھەق ئېلىشتا ئادەتتە ئۆلكە دەرىجىلىك كېپىللىك ۋە قايتا كېپىللىك فوندى (ئاپپاراتى)دىن يۇقۇرى بولمايدۇ، ھەمكارلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرىچە كېپىللىك ھەق نىسبىتىنى %1كە چۈشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىرلىكتە قاتنىشىدىغان ۋە سۇغۇرتىنى بۇۋاپىق ھالدا بۆلۈشتەك بانكا ۋە كېپىللىك شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش. پرىنسىپ جەھەتتە، دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش فوندى ۋە بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۈستىگە ئالغان خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقىنىڭ نىسبىتى %20تىن كەم بولمايدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك كېپىللىك ۋە قايتا كېپىللىك فوندى (ئاپپاراتى) ئۈستىگە ئالىدىغان خەۋپ-خەتەر جاۋابكارلىقىنىڭ نىسبىتى دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى ئۈستىگە ئالغان نىسبەتتىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك.

  تۆتىنچىسى، ھەمكارلىشىش ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-باھالاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش فوندى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك كېپىللىك ، قايتا كېپىللىك فوندى (ئورگىنى) بىر تۇتاش كەسپىي ئۆلچەم ۋە باشقۇرۇش تەلىپىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ۋە ناھىيەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىش ئاپپاراتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىشان بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كەسىپ تۇتاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى پەرقلەندۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كېپىللىك زىيىنىنى ۋاكالىتەن تۆلەشكە بولىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تاقەت قىلىش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى، قايتا كېپىللىك قىلىش ئورگانلىرى چوقۇم ئىچكى قىسىمدا باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىكرو كارخانا، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشتىكى كەسپىي باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ ۋەزىنلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر