باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.02.13 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- فېۋرال، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچلىكىدە،گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ۋە تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ بىجىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش خىزمىتى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەم شۇ ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ يىغىندا يەنە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بۇ يىلقى ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىشنىڭ تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ۋە دورا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش قارار قىلىندى؛ سودا بانكىلىرىنىڭ كۆپ يوللار ئارقىلىق دەسمايىسىنى تولۇقلىشىنى قوللاپ، پۇل-مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىجىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئۆتكەن يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى باش بولۇپ 6319 خىل تەكلىپ ۋە 3863 خىل تەكلىپ لايىھەسىنى بىجىرىپ ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇلارۋەكىللەر تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپلەر ۋە تەكلىپ لايىھەلىرى ئومۇمىي ساننىڭ %88.5ى ۋە %87ىنى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئالاقىدار تەدبىرلەردىن 1400دىن ئارتۇق تەدبىرنىڭ چىقىرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.بۇنىڭ ئۈچۈن، تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىجىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش سۈپىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي ئىشلارنى قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن يىلى جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى، نەتىجىدە، 13 مىليون 860 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ يىل ئېغىر نامرات رايونلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن يېڭىدىن كۆپەيتكەن مەبلىغىنى ئاساسلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا ئىشلىتىپ، نامرات رايونلارنىڭ كەم-كۇسسىلىرىنى تولۇقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، نامرات كىشىلەرنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» جەريانىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيەلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەر نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمان بولىدۇ، قايتا نامراتلاشقانلار ۋە يېڭىدىن نامراتلاشقان كىشىلەرگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، بۇ يىل يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر