باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئايدا تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى

ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى

2019.02.15 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى «ياخشى باشلىنىش»نى كۈتۈۋالدى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ 14-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 730 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، %13.9 ئاشقان؛ ئىمپورت 1 تىرىليون 230 مىليارد يۈەن بولۇپ، %2.9 ئاشقان.

  ئامېرىكا دوللىرى بويىچە باھا ھېسابلىغاندا، 1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 395 مىليارد 980 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 217 مىليارد 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %9.1 ئاشقان؛ ئىمپورت 178 مىليارد 410 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %1.5 تۆۋەنلىگەن.

  1-ئايدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى 1 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولۇپ، %17 ئاشقان، بۇ، ئېلىمىز تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %42.3ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  1-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى مۇقىم ئاشقان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئەمەلى ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 84 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

  ياسىمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى 26 مىليارد 730 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 56 مىليارد 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.9 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %29كە يەتكەن. يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 15 مىليارد 770 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %113.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تەتقىق قىلىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى، پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %168.6، %35.8 ۋە %62.9 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر