باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 36 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشتى

2019.02.15 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 36 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سودا سوممىسى شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىدىكى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %98.2ىنى ئىگىلىدى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردىن قىلىنغان ئىمپورت سودا سوممىسى 139 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، %31.7 ئاشتى.

  2018- يىلى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ قازاقىستانغا قارىتىلغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا نورمىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %36ىنى ئىگىلىدى؛ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %21ىنى ئىگىلىدى.

  2018- يىلى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 36 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورتىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 291 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %98.2 ىنى ئىگىلىگەن، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردىن قىلىنغان ئىمپورت سودا سوممىسى 139 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، %31.7 ئاشقان.

  2018- يىلى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئادەتتىكى سودىسى سودىدا يېتەكچىلىك ئورۇننى ئىگىلىدى. ھەمدە بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى. ئادەتتىكى سودا شەكلىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت- ئېكسپورت سودا سوممىسى 198 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولۇپ، %34.3 ئېشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %68ىنى ئىگىلىدى.

  نۆۋەتتە، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى. 2018- يىلى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ قازاقىستانغا قارىتىلغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا نورمىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %36ىنى ئىگىلىدى؛ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %21 ىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ قىسمەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئېشىش ۋەزىيىتى ناھايىتى تېز بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرمېنىيە، ئىسپانىيە، چېخ، سىلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ھەم بۇلغارىيە بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى سوممىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى ھەسسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  2018- يىلى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە چىقارغان ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرى ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار بولدى: ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم - كېچەكلەر ۋە كىيىم - كېچەك قوشۇمچە بۇيۇملىرىنىڭ سوممىسى 46 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %30.9ىنى ئىگىلىدى؛ ئېكسپورت قىلىنغان ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ سوممىسى 40 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئېشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %26.4ىنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر