باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى بولۇش «بېلىق، گۈرۈچ ماكانى»نى قوغداش

−جياڭسۇنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدىن خاتىرە

2019.02.15 15:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «سەھەردە قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، دەريا بويىدا ئېچىلغان گۈللەر ئوتقاشتەك قىزىل تۈسكە كىرىدۇ. باھار كەلگەندە دەريا سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈلىدۇ، جياڭنەننى قانداقمۇ ئەستىن چىقارغىلى بولسۇن؟». 2013- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، شېئىرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جياڭسۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەرىپلىدى، جياڭسۇغا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، تىرىشىپ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تاپىلىدى.

  جياڭسۇنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، بىراق ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بايلىق كەمچىل، مۇھىت سىغىمى كىچىك بولۇش باشتىن- ئاخىر ئالاھىدە ئۆلكە ئەھۋالى بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتكە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جياڭسۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىجىل كۈچەپ، ئېكولوگىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى «ئەلا»لاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى «يېنىك»لەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئاساسى رېڭىنى «يېشىل»لاشتۇرۇپ، خۇددى كەشتە تىككەندەك ئىنچىكە، پۇختا بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ، بىر يىڭنە بىر يىپتىن تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى كەشتىلەپ چىقتى.

  60 مىڭغا يېقىن «دەريا باشلىقى» كۆلنىڭ سۈزۈك سۈيىنى قوغدىدى

  شۈجوۋنىڭ جياۋاڭ رايونىغا جايلاشقان پەنئەنخۇ كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىنى ئايلانغاندا، كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى، سۇ ئوتلىرىنىڭ بولۇقلۇقىنى، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بۈك- باراقسان ئۆسكەنلىكىنى، توپ- توپ قۇشلارنىڭ ماكانلاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قاقاسلىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

  «جياۋاڭ» دېگەن نام مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرىدا شۇنداق ئاتالغان، بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كۆلچەك ھاسىل بولغان، كۆلچەك ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ فامىلىسى جيا ئىدى. بىراق 130 يىلدىن ئارتۇق كۆمۈر قېزىش سەۋەبىدىن «بۇلاق شەھىرى» «كۆمۈر» شەھىرىگە ئايلىنىپ، 130 مىڭ مو ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك يەر قېپقالغان.

  «ئېكولوگىيە يۈكى»نى «يېشىل بايلىق»قا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، جياۋاڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پەنئەنخۇ كۆلى قاتارلىق 82 ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك يەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەنت، مەھەللىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش، ئاساسىي ئېتىزلارنى رەتلەش، كۆمۈر قېزىش سەۋەبىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خەتەرلىك يەرلەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇلۇق يەر مەنزىرىسىنى ئېچىش «بىرىكمە مۇشت»ى ئارقىلىق «دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان، كەڭ كەتكەن كۆل گۈزەل مەنزىرىگە تولغان» قىياپەتنى قايتا نامايان قىلدى.

  بى يۈرۈي 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئىلگىرى شۈجوۋ تۇڭشەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، بۇ رايونغا 2011- يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ رايون «كەنتلەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت ئىقتىسادىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان يېزا- بازارلاردا سانائەت كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈپ باھالىماي، قارىغۇلارچە تۈر كىرگۈزۈپ مۇھىت بۇلغاشتىن ساقلانغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان چاغدا، بى يۈرۈي ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. 2017- يىلى شۈجوۋ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، بى يۈرۈي سۇچىلىق، سۇ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، «دەريا باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇ بۇلغىنىشنى تۈزەش، سۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

  «كۆمۈر كۈلى، توپا بىلەن قاپلانغان شەھەر»دىن «تاغلىرى يېشىل، كۆل بىلەن قاپلانغان شەھەر»گىچە، جياۋاڭ ھەتتا پۈتۈن شۈجوۋدىكى ئۆزگىرىش «سۇ ماكانى جياڭسۇ»نىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى ئىدى.

  جياڭسۇنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمى سۇ رايونى بولۇپ، سۇنى ھەمراھ قىلىپ ياشاپ، سۇ بىلەن گۈللەندى، ئەمما 2007- يىلى مىسلىسىز سۇ كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى− تەيخۇ كۆلىدە كۆك يۈسۈنلار دۆۋىلىنىپ كەتتى، كۆل سۈيى سېسىپ كەتتى، سۇ زاۋۇتلىرى تاقىلىپ قالدى.

  سۇ كىرىزىسى قارىماققا «تۇيۇقسىز» يۈز بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىت بۇلغىنىش يامان ئاقىۋىتىنىڭ مەركەزلىك پارتلىشى ئىدى. كېيىنكى ئون يىلدا، جياڭسۇدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر سالغان تەيخۇ كۆلىنى تۈزەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى ھەمدە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سېلىنغان ئىجتىمائىي مەبلەغ جەمئىي 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتە كەڭ يولغا قويۇلغان «دەريا باشلىقى تۈزۈمى» تەيخۇ كۆلىنى تۈزەشتىن باشلانغان. ھازىر جياڭسۇ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك «دەريا باشلىقى»دىن جەمئىي 57 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇنى «تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  1- ئاينىڭ 23- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەيخۇ كۆلى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، تەكشۈرۈش، باھالاش گۇرۇپپىسى تەيخۇ كۆلىنى تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇردى. 2007- يىلىدىن ھازىرغىچە، تەيخۇ كۆلى ۋادىسىدىكى نوپۇس 20 مىليون كۆپىيىپ، GDPسى ئەسلىدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يەتكەن بولسىمۇ، تەيخۇ كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنى «يىلدىن- يىلغا ياخشىلاش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ھالبۇكى، ئىلگىرى پۈتۈن تەيخۇ كۆلى بويىچە سۇ سۈپىتى ئەڭ ناچار بولغان تەيخۇ كۆلى ۋۇشى سۇ رايونىدا 2018- يىلى ئاساسلىق سۇ سۈپىتى كۆرسەتكۈچى پۈتۈن تەيخۇ كۆلىنىڭكىدىن ياخشى بولدى، بولۇپمۇ سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان ئومۇمىي ئازوت كۆرسەتكۈچى 11 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم Ⅳ دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتتى.

  قاتتىق ۋاسىتە بىلەن بۇلغىمىنى تۈزەش ئارقىلىق «كونا قەرز قايتۇرۇلۇپ» «يېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى»

  ليۇ لىڭ ئىككى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان، بۇ ئون يىل ئۇ ئەڭ قەدىرلىگەن مەزگىل بولدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشتەك كەچۈرمىشلىرى بىلەن، ئۇ جەمئىيەتتىكى تېخىمۇ كۆپ قىزىق نۇقتىلار، جۈملىدىن مۇھىت مەسىلىسىگە دىققەت قىلدى. «يالغۇز سۇلا ئەمەس، ھاۋا، تۇپراقمۇ بار بولۇپ، بۇلغىمىنى تۈزەش سالمىقى يىلدىن- يىلغا كۈچەيتىلدى، ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى».

  ليۇ لىڭنىڭ ئۆيى يەنچېڭدا بولۇپ، قىزىل قاشقا تۇرنىنىڭ ماكانى، ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ يۇرتى ئىدى. جياڭسۇدىكى ئۈچ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئىككىسى يەنچېڭ تەۋەلىكىدە؛ ئۇدا كۆپ يىل ھاۋا سۈپىتى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  يەنچېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دەي يۈەن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىياسىي يۈكسەكلىككە مۇناسىۋەتلىك. «قايتا قاراپ چىقىش» ئارقىلىق «ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش»نى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرىكى يىرىك تەرەققىياتتىن قېپقالغان بۇلغىما «ساقلانمىسى»نى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەزىم قىلىۋېتىش كېرەك.

  مۇھىت مەسىلىسىدىكى «يېڭىدىن قەرز بولماسلىق، كونا قەرزنى كۆپ قايتۇرۇش»− پۈتۈن جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئورتاق تاللىشى.

  جياڭسۇنىڭ 2018- يىللىق GDPسى %6.7 ئېشىپ، 9 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا ئاۋسترالىيەنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. جياڭسۇلۇقلارنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش−

  يىل بويى ئايرىم- ئايرىم ھالدا پولات- تۆمۈر، سېمونت، تەكشى ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 800 مىڭ توننا، 2 مىليون 100 مىڭ توننا، 6 مىليون 600 مىڭ ئېغىرلىق ساندۇقى ئازايتىلىپ، سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر ھەم «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن 3600 دىن كۆپرەكى تاقالدى.

  كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى ۋە قالاق خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش− جياڭسۇنىڭ 2016- يىلى باشلىغان «263» («ئىككىنى ئازايتىش، ئالتىنى تۈزەش، ئۈچنى ئۆستۈرۈش») مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، باشقىلىرى يەنە تەيخۇ كۆلىنىڭ سۇ مۇھىتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، قارا، سېسىق سۇ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىن بۇلغىنىش، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىدىن بۇلغىنىش ۋە مۇھىت يوشۇرۇن خەۋپىنى نۇقتىلىق تۈزەشنى؛ ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىت ئىقتىسادى، سىياسىتىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش ھەم مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «263» مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش تەلىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «جياڭسۇنىڭ نەتىجە كۆرسىتىشى» دەپ قارالدى.

  ليۇ لىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا 2019- يىلىدىكى كۆپ تۈرلۈك نىشاننىڭ 2018- يىلى تۈزۈلگەن سانلىق مەلۇمات بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئازراق تۆۋەنلىگەنلىكىگە، مەسىلەن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ % 6.5كە تۆۋەنلىگەنلىكىگە، لېكىن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى قاتارلىقلارنىڭ «ئوڭۇشسىز ۋەزىيەت»تە ئاشقانلىقىغا دىققەت قىلدىم.

  «يۆنىلىش ئېنىق، داۋاملىق سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماننى قوغداش ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك». ليۇ لىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى باشقا يۇرتلۇقلار بىلەن يۇرت ھەققىدە پاراڭلاشقاندا، كۆپچىلىك ئىقتىسادىي سەۋىيەگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتى، ھازىر كىشىلەرنىڭ «يەنچېڭنىڭ ھاۋاسى ياخشى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىساق ناھايىتى پەخىرلىنىمىز.

  «ئېلىش ئەمىلىنىڭ ئۆزى قوشۇش ئەمىلى» تىپنى ئۆزگەرتكۈچىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى

  كېچىدە باھار يامغۇرى باھار شامىلىغا ئەگىشىپ ياغدى، كەڭ زېمىندىكى بارلىق مەۋجۇدات ياشاردى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى «شامىلى توختىماستىن چىقماقتا»، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كارخانىلارغىچە، يەنە ئاددىي ئاۋامغىچە ئىدىيەسى ئۆزگەرمەكتە.

  ۋۇشىنىڭ يىشىڭدىكى بەيتا كەنتىنىڭ تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ھاۋاسى يېقىشلىق. 2001- يىلى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن بۇيان، ئوۋ ياڭخۇا «ئېكولوگىيەلىك كەنت قۇرۇپ»، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى «كىچىك ھەم ئۆزگىچە، كىچىك ھەم سۈپەتلىك، كىچىك ھەم ئەۋزەل بولغان يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك كەسىپ» قىلىپ بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇردى.

  ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئىقتىسادنىڭ ئاجىز بولۇشى بەيتا كەنتىنىڭ «بەلگىسى» بولۇپ قالدى. بەزىلەر مۇنازىرە قىلىپ «ئېكولوگىيەلىك كەنت قۇرۇش» چوڭ تۈرلەرنى جەلپ قىلالمايدىغان «ئامالسىز تەدبىر» دېيىشتى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى باھار شامىلى كۈچەيدى، بەيتا كەنتى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى−

  بىر يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى، «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت، بازار» قاتارلىق كۆپ خىل شەرەپكە ئېرىشتى. ئوۋ ياڭخۇامۇ 2018- يىلى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

  «بىز ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ياخشى تاغ، ياخشى سۇنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل كەنت- مەھەللە ۋە جەلپكار يېزا- قىشلاق قۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەر كۈنى قۇشلارنىڭ سايرىشى بىلەن ئويغىنىدىغان قىلىشىمىز كېرەك». ئوۋ ياڭخۇا مۇنداق دېدى: بەيتالىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشى− «مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش».

  بەيتا كەنتى جايلاشقان يىشىڭ قەدىمدە ياڭشيەن دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن داڭلىق، سۇ دۇڭپۇ بۇ ھەقتە «قېرىغىنىمدا مەنسەپتىن كېچىپ ياڭشيەندە تۇرسام، تاغ- دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانسام» دەپ يازغان.

  يىشىڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئىزچىل تۈردە مەملىكەت بويىچە ئوخشاش تۈردىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى، خىمىيە سانائىتى تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يىشىڭ «كەسكىن ئىش تۇتۇپ»، بۇلغىنىش يوشۇرۇن خەۋپى بار خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى قەتئىي تاقىدى، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتتى.

  «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، بۇ، جانلىق رېئاللىققا تېز ئايلانماقتا». يىشىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شېن جيەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت يېشىل تەرەققىياتقا يېتەكلىدى، كارخانىلار ئېكولوگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى، ئاۋام تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، يىشىڭ «مۇھىت ئارقىلىق ئېشىشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

  جياڭسۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، شۇنداقلا «دەريا جىلغىغا قۇيۇلىدۇ، شامال تار ئېغىزدىن ئۆتىدۇ» دېگەندەك تۈرلۈك خىرىس ۋە مەسىلىلەرگە ئالدىن دۇچ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقى ۋە يوليورۇقى جياڭسۇ ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى ئاچقۇچ.

  يېڭى بىر يىلدا، جياڭسۇ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى «يېڭى يول خەرىتىسى» نى سىزىپ چىقتى: بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ھاۋا سۈپىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانىنىڭ نىسبىتىنى %70كە يەتكۈزۈش، يەر ئۈستى سۈيىنى دۆلەت باھالاپ تەكشۈرۈش بويىچە كەسمە يۈز سۇ سۈپىتى ئەلا Ⅲ بولۇش نىسبىتىنى %68.3كە يەتكۈزۈش...

  «خوشلاشتۇق بۇرادەرلەر بىلەن غەربتىكى خۇاڭخېلوۋدا، يول ئالدىم چېچەككە تولغان 3- ئايدا ياڭجوۋغا»، «يېشىللىققا تولدى يەر- جاھان، قۇشلار سايراپ قىلماقتا نەغمە، سۇ- تاغ ئارىسىدىكى كەنتلەردە لەپىلدەر مەيخانا بايراقلىرى ئەنە»... قەدىمدىن ھازىرغىچە، جياڭسۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن شېئىرلار، ناخشىلار ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. 80 مىليون جياڭسۇلۇق ئورتاق تىرىشىپ، شېئىرىي مەنىگە تولغان «بېلىق، گۈرۈچ ماكانى»نى ياخشى قوغدىماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر