باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت قائىدىسى ۋە باھالاش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ

2019.02.18 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىغا بولغان رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋاكالىتەن نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈم يارىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  بۇ يىل ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھەقىقىيلەشتۈرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. يىل بېشىدا چاقىرىلغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىپ نازارەتچىلىك قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت قائىدىسى ۋە تەكشۈرۈش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلار، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  2018-يىلى 10-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتقاندىن كېيىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويدى. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، تۈر ۋە ساھەلەرگە بۆلۈپ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يولغا قويۇش پىكرى تۈزۈپ چىقىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى ۋە مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپە تىزىملىكى بېسىپ تارقىتىلىپ، ئىسلاھات يولى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى، ئىش تەرتىپى دىئاگراممىسى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر