باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرىدىن 380 نەچچىنى بىر تەرەپ قىلدى

بۇنىڭدا، دېلوغا چېتىشلىق بولۇپ تەكشۈرۈپ توڭلىتىلغان مۈلۈكلەرنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 100 مىليون يۈەنگە يەتتى

2019.02.18 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى 6- ئايدىن بۇيان،P2P لىق ئۇسۇلدا توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرىدا خەۋپ-خەتەرلەر كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن. ج خ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ بىرلىشىپ ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، قانۇن بويىچە تەھقىقلەش ۋە دېلو بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن زاڭ ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. ھازىرغا قەدەر، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇنسىز ھالدا مەبلەغ توپلاش جىنايىتىگە چېتىلىدىغان توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرىدىن 380 نەچچىسىگە قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈردى. تولۇق بولمىغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تاپقان جىنايەت گۇماندارلىرى دېلولىرىغا چېتىشلىق مۈلۈكلەرنىڭ قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا دېلوغا چېتىشلىق نەق پۇللار، بانكىغا قويغان ئامانەت پۇللار، ئۆي-مۈلۈكلەر ۋە ئاپتوموبىللار دېگەندەك مۈكۈكلەر قانۇن بويىچە پېچەتلىنىپ، تۇتۇپ قېلىنىپ ۋە توڭلىتىپ قويۇلماقتا، ھەمدە داۋاملىق تاپشۇرۇۋالماقتا.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018- يىلى 6- ئايدىن بۇيان، بەزى جايلاردىكى ئامما، يەنىP2P ئۇسۇلىدا توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرىغا مەبلەغ سالغۇچى ئامما مەركەزلىك ھالدا دېلو مەلۇم قىلىپ كەلگەن. شۇ مەزگىللەردە، P2P ئۇسۇلىدا توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا مەبلەغ توپلاشتەك جىنايەت دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ جىنايەتلەر ئالدامچىلىق خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇش ۋە قېچىپ كېتىش ھادىسىلىرى گەۋدىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇ خىل دېلولارنى قانۇن بويىچە تەھقىقلەپ بېجىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خېيىم-خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زەربە بېرىش نۇقتىلىرىنى ئېنىق ھالدا ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ۋە قىلمىشى ئېغىر بولغان بۇ خىل توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرىغا توغرىلاپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرى كۈچلۈك بولغان ۋە چېتىلىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان بىر تۈركۈم چوڭ دېلولارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالداپ پاش قىلىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قاتتىق چۆچۈتتى.

  ئۇندىن باشقا، ج خ مىنىستىرلىقى جىنايى قىلمىش دەپ قارالغان بۇ خىل توردا قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىش سۇپىلىرىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى نۆۋەتتىكە «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بىر نەچچە خىزمەت گورۇپپىسى تەشكىللەپ جايلارغا ئەۋەتىپ، مەخسۇس قوغلاپ تۇتۇشنى يولغا قويۇپ، تايلاند ۋە كامبودژا قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە رايونلاردىن 62 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۇتۇپ كېلىپ، ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر