- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ خۇڭشۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ
2019.02.18 14:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ خۇڭشۇن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى تېلېگراممىسى)
جاۋ خۇڭشۇننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
1989- يىلى 11- ئايدىن 1994- يىلى 11- ئايغىچە، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى،مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛
1994- يىلى 11- ئايدىن 1996- يىلى 10- ئايغىچە، خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرى تاماكا تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛
1996- يىلى 10- ئايدىن 1998- يىلى 8- ئايغىچە، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال پىلان مەھكىمىسى مال باھا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى(خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان)، باشقارما باشلىقى بولغان؛
1998- يىلى 8- ئايدىن 1999- يىكى 12- ئايغىچە، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىدىكى كۆپ مەنبەلىك تىجارەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
1999- يىلى 12- ئايدىن 2003- يىلى 10- ئايغىچە، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى ئىقتىساد ئوبوروتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
2003- يىلى 10- ئايدىن 2006- يىلى 7- ئايغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى (شىركىتى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى(خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان) بولغان؛
2006- يىلى 7- ئايدىن 2011- يىلى 10- ئايغىچە، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2011- يىلى 10- ئايدىن ھازىرغىچە، دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.(قىسقىچە تەرجىمىھالى دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى تور بېكىتىدىن ئېلىندى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر