سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر كوچىدا، يەرلىك ئاھالىلەر سىرتقا چىقىپ، ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزشكە تەييارلاندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغاننىڭ بېشىدا، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى كوچىلاردا ئايلىنىپ، يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى