باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 6 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى، دېدى

2019.03.08 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە يېزا-شەھەر قۇرۇلۇشى مىنستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولغان بولۇپ، 2019-يىلى 3-ئايغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 6 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغان.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نى خوڭ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋ چىڭپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزگەرتىلگەن ھەربىر ئائىلە، ھەربىر كورپۇسنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىدا، تارماقلار ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بار تۇرالغۇ ئۆيلەر بىلەن ئۆز قەرەلىدە تەمىنلەش لازىم.

  يىغىندا جايلار، تارماقلار ۋە كەڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 2020-يىلى يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر