باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى

2019.02.28 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-فېۋرال، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2018-يىللىق مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن خەيلىن مۇنداق دېدى: بىز دۇنيادىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن ئالىي مائارىپ سېستىمىسىنى بەرپا قىلدۇق، 2018-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %48.1 بولۇپ، پات ئارىدا ئالىي مائارىپ ئاممىۋىلىشىش باسقۇچىدىن ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.

  بۇ يەردە ئالىي مائارىپ توغرىسىدا بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بار. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چاڭيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 2663ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇستەقىل ئىنستىتۇت 265كە يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن 32سى كۆپەيدى. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە، تولۇق كۇرس مەكتەپتىن 1245ى بار بولۇپ، 2017-يىلىدىكىدىن ئىككىسى كۆپەيدى، ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىدىن 1418ى بار بولۇپ، 2017-يىلىدىكىدىن 30ى كۆپەيدى. يەنە ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدىن 815ى بار بولۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئومۇمىي كۆلىمى 38 مىليون 330 مىڭ ئادەمگە يەتتى.

  مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى 7 مىليون 909 مىڭ 900 كىشى بولۇپ، 2017-يىلىدىكىدىن %3.87 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 28 مىليون 310 مىڭ 300 ئادەمگە يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن %2.81 كۆپەيدى. مەملىكەت بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى سانى 858 مىڭ كىشىگە يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن %6.43 ئاشتى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ سانى 2 مىليون 731 مىڭ 300 كىشىگە يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن %3.47 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇۋاتقان دوكتورلاردىن 389 مىڭ 500 كىشى، ماگىستىر ئاسپىرانتلاردىن 2 مىليون 341 مىڭ 700 كىشى بار.

  ساننىڭ كۆپ بولۇشىدىن باشقا، يەنە سۈپەتلىك بولۇشى كېرەك. فەن خەيلىن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، ئون چوڭ ئىش قىلىندى. بۇلار يېڭى دەۋر مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس مائارىپى خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىش؛ يېڭى سانائەت پەنلىرى، يېڭى تېببىي پەنلەر، يېڭى دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، يېڭى ئىجتىمائىي پەنلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش؛ «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپ تۈرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى»نى ئېلان قىلىش؛ ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇش-ئوقۇتۇشنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالىي مائارىپ دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى مۇكاپاتىنى باھالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر