باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شيې جىنخوڭ يولۇچىلارنى ئۆز ئائىلەمدىكىلەر دەپ بىلىمەن، دېدى

2019.03.09 14:42   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شيې جىنخوڭ  يولۇچىلارنى ئۆز ئائىلەمدىكىلەر دەپ بىلىمەن، دېدى

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شيې جىنخوڭ (سولدىن 2-كىشى) خەلق سارىيىدا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شيې جىنخوڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىككىنچى ئاپتوموبىل تارماق شىركىتىنىڭ يولۇچى توشۇش 6-ئەترىتى 2-لىنىيەسىنىڭ شوپۇرى. 20 يىلغا يېقىن خىزمەت جەريانىدا، ئۇ باشتىن-ئاخىر يولۇچىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر دەپ بىلىپ، چىن دىلى بىلەن يولۇچىلارنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. شيې جىنخوڭ: «ئاممىۋى ئاپتوبۇس خۇددى جەمئىيەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئوخشايدۇ، ھەر كۈنى ماشىنىدا نۇرغۇن ئادەملەر ۋە ھەر خىل ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويمايمەن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر